- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ 24 قوراللىق ئۇنسۇرىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈردى
2015.11.30 16:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەرلىك خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى 28-نويابىر ئىراقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇھىم شەھەر رەمادى قاتارلىق رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان جايلارنى پارتلىتىپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ 24 قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئۆلتۈرگەن.
ئانبار ۋىلايىتىنىڭ بىر بىخەتەرلىك ساقلىغۇچىسى مۇنداق دېدى: ئىراق ھاۋا ئارمىيەسنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئانبار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى رەمادىنىڭ شىمالىدا «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوراللىق ئاپتوموبىل ئەترىتىنى پارتلىتىپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ 15 قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئۆلتۈردى، 4 ھەربىي ئاپتوموبىلىنى پارتلاتتى.ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ تانكا قىسمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ رەمادىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تايانچ بازىلىرىنى پارتلىتىپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ توققۇز قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئۆلتۈردى، 12 قوراللىق ئۇنسۇرى يارىلاندى، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىككى مۇداپىئە تايانچ بازىسىنى گۇمران قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر