- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلدى
2015.11.20 15:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئەسلىدە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەردە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇشتەك كۈچلۈك سادالار بارلىققا كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇساپىلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىغا بولغان توسالغۇ كۈچەيدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پاۋلو رۇئان 17- نويابىر، ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكىغا كىرگەن سۇرىيەلىك مۇساپىرلار سالاھىيىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كانادا زۇڭلىسى تىرىدو مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، ھەمدە خەلققە كاناداغا كىرگەن سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ.
ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تىرىبور، كۆچمەنلەر ۋە چېگرانى قوغداش مىنىستىرى پىتىر دادۇن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرۈشى كېرەك، ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ئاۋسترالىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قۇشۇلۇۋىلىشىدەك خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرىدۇ.
گوللاندىيە ھۆكۈمەت تەرەپ 16- نويابىر مۇنداق دېدى: گوللاندىيەگە يېتىپ كەلمىگەن مۇساپىرلار ئىچىدە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزالىرى بارلىقى بايقالدى، ئالاقىدار تارماقلار كېڭىشىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىش قوللانماسلىق ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.
ئۇندىن باشقا، فىرانسىيەدىكى ئوڭ قانات كۈچ بولغان كونا پارتىيە خەلق فورۇنتى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئوڭ قانات ھەرىكىتى ياۋروپا ۋەتەنپەرۋەرلىرى غەربنى ئسلاملاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ، ياۋروپانىڭ غەربىي ئاسىيا،شىمالى ئافرىقىدىن كەلگەن مۇساپىلەرنى قوبۇل قىلىشنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ۋېنگىرىيە، پولشا قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر