باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە تېررورچىلارنىڭ 500 نېفىت ئاپتوموبىلىنى پارتلاتتى

2015.11.19 15:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 19-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش ئىشتابى جەڭ قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاندىرى كارتاپاۋلوف رۇسىيە ھاۋا قىسمى بۇ بىر قانچە كۈندە تەخمىنەن 500 گە يېقىن سۇرىيە نېفىتىنى ئىراققا ئاپىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان نېفىت ئاپتوموبىلىنى پارتلاتقانلىقىنى ئېيتقان.

  كارتاپاۋلوف: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شام ئىسلام دۆلىتى» ۋە باشقا رادېكال تەشكىلاتلار ئاتالمىش «چاق ئۈستىدىكى نېفىت تۇرۇبىسى» بەرپا قىلدى، دېگەن. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نەچچە يۈز نېفىت ئاپتوموبىلى نەچچە مىڭ توننا نېفىتنى ئىراققا ئاپىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇلار تېررورچىلارنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ مەنبەسى ئىكەن.

  كارتاپاۋلوف يەنە: بۇ 500 نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى تېررورچىلارنىڭ ئېنېرگىيەنى قانۇنسىز ئېكىسپورت قىلىش ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نېفىت ئەتكەسچىلىكىگە تايىنىدىغان كىرىمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ، دېگەن.

  ھەربىي زەربە بېرىشتىن باشقا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى يەنە ھۆججەتكە قول قويۇپ، تېررورىزمنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش ىۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە بۇ كومىتېتتىن تېررورچىلارنىڭ مەبلەغ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتى نېفىت ئەتكەسچىلىكىدىن كىرگەن كىرىمدىن باشقا يەنە چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىكەن.

  1-نويابىر پۇتىن تۈركىيەدە ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى( G20) يىغىنىدا، 40 دۆلەت «شام ئىسلام دۆلىتى»نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر