- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىننىڭ ئىمزالىق ماقالىسى: APEC تەرەققىيات ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن، باراۋەر ھەمكارلىق ئىزدەيدۇ
2015.11.17 15:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC)غا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 23-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى: تەرەققىيات ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن، باراۋەر ھەمكارلىق ئىزدەيدۇ» تېمىسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.
پۇتىن مۇنداق دېدى: سودا-سېتىق ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيادىكى باشقا رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ كەلدى. لېكىن تاموژنا بېجىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئارتۇقچە، مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، مەبلەغ سېلىش، غەيرىي تاموژنا بېجى سودا قورغىنى، رىقابەتلىشىش سىياسىتى ۋە تولۇقلىما جەھەتلەردە كېلىشىم تۈزۈش كېرەك بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، مۇرەككەپ كېلىشىش ۋە ئۆز ئارا يول قويۇش ئارقىلىق بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
پۇتىن مۇنداق قارىدى: رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھازىرقىدەك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ چىقىش يوللىرىدىن بىرى. رۇسىيە ھازىر ئەرمېنىيە، بېلوروسىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بىللە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇردى. ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى باشلىنىشتىلا باشقا دۆلەتلەر ۋە ئۇلار بىلەن بولغان تەقدىرداش ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بەردى.
پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللىشىش كېلىشىمى ئاشكارا ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى. بۇ ئۇدۇللاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، تاۋار مەھسۇلات ۋە چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەتنى كۆچمە باشقۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىدۇ ۋە APEC ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر