باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر


2- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئافرىقا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2015.11.11 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئافرىقا خەلقلىرى دوستلۇق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئافرىقا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 -نويابىر بېيجىڭدا باشلاندى. دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ياڭ جيېچى مۇنداق دېدى، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يەرلىكلەر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئافرىقا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بىر يۈرۈش ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يەرلىكلەر ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  ياڭ جيېچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 -ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يېشىل، ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ 2063 –يىللىق تەرەققىيات پىلانىنىڭ 1- ئون يىللىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، سانائەتلىشىشنى تېزلىتىش ۋە سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى باش نىشان قىلىدۇ. بۇ جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر