- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
روسىيە ئايروپىلان ھادىسىسىنى « تېررورلۇق ھۇجۇمى » كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشىنىشكە مايىللاشتى
2015.11.11 13:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ 9 - نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى : روسىيە Kogalymavia ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايمىز. نۆۋەتتە، روسىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى، جامائەت پىكرى، ئالىملار قاتارلىقلار يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ مىسىر سىناي يېرىم ئارىلىدا چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئاللىقاچان تەدرىجىي تۈردە تېررورلۇق ھۇجۇمى بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.
روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋىرى بىر مەھەل نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، قازا قىلغانلارنى يۆتكەش، سالاھىيىتىنى ئايرىش، تۆلەم بېرىش، تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك پەرەز ئانچە كۆپ ئەمەس. ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يوزىتسىيىسىمۇ بىر قەدەر مۇتەئەسسىپ بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلغانىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر