باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى «تاشلاندۇق» يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى

2015.09.29 20:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) دۆلەت رەھبەرلىرىگە زىياپەت بەرگەندە ئادەتتە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىق قىلىنىدۇ، ئىشلەتكەن ماتېرىياللارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بىراق 27-سېنتەبىر ب د ت چۈشلۈك تاماق زىياپىتىدە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغاندا چىقىرىلغان تاماقلارغا ئادەتتە كېرەكسىز دەپ تاشلىۋېتىلىدىغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلدى.

  بۇ قېتىمقى چۈشلۈك تاماق ئامېرىكىنىڭ ب د ت باش شىتابىدا بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كېلىمات يىغىنىغا ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، فرانسىيە زوڭتوڭى ھوللاند، پېرۇ زوڭتوڭى ئۇمالا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

  فرانسىيە يېڭى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چۈشلۈك تاماق تىزىملىكىدىكى بارلىق تاماقلار ئەسلىدە تاشلىۋېتىلىدىغان «كېرەكسىز» ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆكتاتلىق ھامبۇرگقا ئىشلىتىلگەن كۆكتات ئادەتتە شىرنىسى سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن تاشلىۋېتىلىدىغان كېرەكسىز ئېشىندى ئىكەن.

  ھامبۇرگ بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان كۆممىقوناق ئۇنىدىن ياسالغان بەرەڭگە قەلەمچىسىگە ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق ئۇنى ئادەتتە ھايۋاناتلارنىڭ يەم-خەشىكى قىلىنىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر