- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئوباما 10 مىڭدىن ئارتۇق سۇرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
2015.09.14 11:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى(CNN)نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاق ساراي تەرەپ 10-سېنتەبىر زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كېيىنكى مالىيە يىلىدا قوبۇل قىلىدىغان سۇرىيەلىك مۇساپىرلار سانىنى كۆپەيتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 10 نەچچە مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ھۆكۈمەتنىڭ بىر چوڭ ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1-ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان كېيىنكى مالىيە يىلىدا ئامېرىكا ئەسلى خەلقئارانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 75 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەمدى بۇ سانغا ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق سۇرىيەلىك مۇساپىر قوشۇلىدىكەن.
ئامېرىكا قوبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانى ئادەتتە ھەر بىر مالىيە يىلى باشلانغاندا بەلگىلىنىدۇ، ناۋادا خەلقئارا كىرىزىس كۆرۈلسە زۇڭتۇڭ ئوباما بۇ ساننى كۆپەيتىدۇ. خەۋەرچى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاق ساراي يۇقىرىقى ئۇچۇرنى ئۇقتۇرۇشتىن ئىلگىرى، ھۆكۈمەت ئەسلىدىكى پىلان سىرتىدا 5000 سۇرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر