باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم بەردى

2015.09.11 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 10-سېنتەبىر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قېچىپ بارغان سۈرىيەلىك 240 مىڭ مۇساپىرغا 17 مىليون 500 مىڭ ياۋرو ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنە مۇنداق دېدى: كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىنى باشقۇرۇش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش، رايون مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ چوڭ كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا ھازىر بار بولغان ئىستىراتېگىيەلىك رامكا ئاستىدا، ماراكەش، ئالجىرىيە، تۇنىس، لىۋىيە، مىسىر، ئىئوردانىيە، لىۋان، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش كېرەك. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنە مەبلەغ سېلىپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2011-يىلى 3-ئايدىن باشلانغان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇش 11 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليون كىشى تۈركىيەگە كېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر يۈك بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر