- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۆتىدىل ئىسلام پارتىيەسى ماراكەش شەھەر بازىرىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلدى
2015.09.08 13:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6- سېنتەبىر ئېلان قىلغان شەھەر بازار سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مۆتىدىل ئىسلام پارتىيەسى بولغان ئادىل ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچىغا ئايلانغان.
ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، ئادىل ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى بىن جىرى ئارقىدىن تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئادىل ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلامدا 8 مىليون ئۈنۈملۈك ئاۋازنىڭ 1 مىليون 500 مىڭغا ئېرىشىپ، سايلامدا غەلىبە قىلغان ئەڭ چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ باشلىقىنى بېكىتىشتىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ماراكەش 2016- يىلى قانۇن تۇرغۇزۇش سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ قېتىم ئادىل ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ شەھەر بازارلار سايلىمىدا غەلىبىگە ئېرىشىشى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ كېلەر يىلى قانۇن تۇرغۇزۇش سايلىمىدا داۋاملىق غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر