- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىسىر ئاخبارات ۋاستىلىرى: سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان ئوغۇل بالا«ئازابتىن قۇتۇلغان»بولسىمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا
2015.09.06 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەرچە 3ياشلىق سۈرىيەلىك ئوغۇل بالىنىڭ جەسىتىنىڭ تۈركىيە دېڭىز قىرغىقىدا لەيلەپ قالغان سۆرىتى ياۋروپا جامائەت پىكرىنى زىلزىلىگە سالغان بولسىمۇ، لېكىن ، فىرانسىيىدىكى بىر تۈرلۈك خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى تۆۋەن بولغانلىقتىن،56پىرسەنت فىرانسىيە خەلقى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە ئايان بولىشىچە، قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلار تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر ۋە ئىشچىلار سىنىپى بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلىدىكەن.
مۇساپىرلار كىرىزىسى بىلەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە قارشى دولقۇنى گىرەلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ، ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. گېرمانىيە ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5- سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان دۆلەت بولۇپ، ھازىر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە. گىرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە،4-سېنتەبىر گېرمانىيىنىڭ خېسىن شىتاتىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا ئوت كېتىپ، بەش ئادەم يارىلانغان.
مىسىر «ۋەففىل گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دىيىلدى: سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان ئوغۇل بالا«ئازابتىن قۇتۇلغان»بولسىمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق نىشانلىغان يەرگە ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار دۇچ كەلگەن چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن، ئىشسىزلىق، نامراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇساپىرلار گەرچە ئۇرۇشنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، نامەلۇم بىر ھاڭغا دۇچ كەلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر