ۋېنگرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 29-ئاۋغۇست جاكارلىشىچە، ۋېنگرىيە ھەربىي تەرەپ ۋېنگرىيە بىلەن سېربىيە چېگرىلىنىدىغان جايغا تام ياساپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىنى توسقان. ئىگىلىنىشىچە، ۋېنگرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە چېڭگىن رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە كىرىدىغان ئاساسلىق ئىشىكى بولۇپ قالغان. بۇ يىلدىن بۇيان، 140 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر ۋە قانۇنسىز كۆچمەن سېربىيە ئارقىلىق ۋېنگرىيەگە كىرگەن، كۆپ قىسىملىرى ۋېنگرىيەدە بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئاۋسترىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە چىقىپ كەتكەن.