مالايشىيانىڭ كۇئالالومپۇردا شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 30-ئاۋغۇست نامايىشچىلار سېرىق كۆڭلەك كىيىپ، مالايشىيا پاكلىق ۋە ئادىللىق سايلام ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن يىغىلىشقا قاتنىشىپ، زۇڭلى نەجىبنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
سېرىق كۆڭلىكلىك نامايىشچىلار كوچىلارغا بىر كەلدى. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر ئادىل سايلام، ئوچۇق-ئاشكارا ھۆكۈمەت، پارلامېنتنىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامايىشتا نۇرغۇن نامايىشچىلار زۇڭلى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. نۆۋەتتە نەجىب دۆلەت مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش سەۋەبلىك ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدى.
مالايشىيانىڭ سابىق زۇڭلىسى ماخادىر (ئوتتۇرىدا)مۇ نامايىشقا قاتناشتى