باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىرغىزىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلباغ بىلەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى بىرلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولدى

2015.08.28 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-نۆۋەتلىك ئىسسىق كۆل ئىقتىساد مۇنبىرى 26-ئاۋغۇست بېشكەكتە ئېچىلدى. قىرغىزسىتان زۇڭتۇڭى ئاتانبايېف تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلباغ رايونى بىلەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تۈتاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پائال تۈرتكە بولىدۇ.

  ئاتانبايېف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبىغىنى بىرلىكتە قۇرۇش رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا قىرغىزىستان ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلغا رايونىنى تونۇشتۇرۇشتىكى ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى پائال تۈردە ياخشى ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ مۇنبەر بىلەن مۇنبەرگە قاتناشقانلارنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشىدە ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئاساسلىقى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلباغ رايونى بىلەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تونۇشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاساسىدا رايون ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. مۇنبەر مەزگىلىدە كۆپلىگەن كارخانا ۋەكىللىرى يېزا ئىگىلىك، ئۇل ئەسلىھە، كان ئېچىش قاتارلىق 20 دىن كۆپرەك تۈردە ئەھدىنامە ئىمزالىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر