- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېجىرىشكە چەك قويغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى
2015.08.28 14:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 26-ئاۋغۇست، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە فېدىراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكوغا چەكلىك شەرتلەر بىلەن چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسى بېجىرگەنلىكىنى، بۇ ئۇنىڭ رۇسىيە پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنىتىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇسلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى 26-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ماتۋىيېنكونىڭ ئامېرىكىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگىلا قاتنىشىش ھوقۇقى بار، ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنىتلىرى ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورگىنى ئەمەس، ئامېرىكا جازالانغانلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ماتۋىيېنكونىڭ مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن چېگرىدىن كىرىشىگە يول قويمايدۇ.
ئامېرىكا ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىنى جازالىغان بولۇپ، ماتۋىيېنكومۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر