- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋستىرالىيەلىك ئىقتىسادشۇناس جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتى ئارقىغا چېكىندى دېگەن سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
2015.08.28 14:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاۋستىرالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دىرائىسدەر يېقىندا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بازار ئىقتىسادى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا دېدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلىپ بارغان بازارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن خەلق پۇلىنىڭ پېرىۋوت باھاسى ئىسلاھاتى پۇتكۇل دۇنيانىڭ دېققىتىنى جەلپ قىلدى، بەزىلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتى ئارقىغا چېكىنىپ، پىلان ئىگىلىكى دەۋرىگە قايتماقچى دېگەن خاتا چۈشەنچىدە بولدى.
بۇنىڭغا قارىتا، دىرائىسدەر ماقالە ئېلان قىلىپ بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدسىىنىڭ ئەڭ جانلىق بىر قىسىمى بولغان سانائەت مەھسۇلاتى ئۇچتەن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىغان خۇسۇسىي كارخانىلار، جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئاۋسترالىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: خەلق پۇلىنىڭ پېرىۋوت باھاسى ئىسلاھاتى، خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ بازارغا ئارلاشقانلىقى دەپ قاراشمۇ بىر خىل خاتا چۈشەنچە. بۇ تەدبىر ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتكە، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ بازارلاشقان پېرىۋوت مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا بەل باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. سىرتنىڭ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرىۋوت ئىسلاھاتىنىڭ ھەر بىر قەدىمى بازارلاشتۇرۇش تەرەپكە قاراپ تاشلانغان قەدەم ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر