باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران دىپلوماتىيە ئەمەلدارى يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خاموندنىڭ ئىراندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2015.08.24 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دىپلوماتىيە ئەمەلدارى يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خاموندنىڭ پات ئارىدا ئىراندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى قايتا ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئىسپاتلىدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى 22-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خاموند يېقىندا تېھراندا زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىراندا زىيارەتتە بولۇشى.

  2011-يىلى 11-ئايدا، ئىران پارلامېنتىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، ئىران بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىرانلىق نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئامما تېھراندىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئەنگلىيەنىڭ ئىران مەركىزىي بانكىسى قاتارلىق ئورگانلارغا يېڭى نۆۋەتلىك بىر تەرەپلىك جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر