- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيەدە كىچىك خۇسۇسىي ئايروپلان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە سوقۇلۇپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلدى، بەش ئادەم يارىلاندى
2015.07.27 16:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇل ياپونىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر كىچىك خۇسۇسىي ئايروپلان شۇكۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھادىسىگە ئۇچراپ، توكيونىڭ چوفۇ شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر ئۆيلىرىگە سوقۇلۇپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، بەش ئادەم يارىلانغان.
توكيو ئوت-مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ يالاڭ ماتورلۇق بەش كىشىلىك ئايروپلان بولۇپ، شۇيەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 (بىيجىڭ ۋاقتى 10) ئەتراپىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان، بەش كورپۇس ئۆي ۋە ئىككى ماشىنىنىڭ ئوت كېتىشىگە سەۋەب بولغان.
ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراش جەريانىدا سەۋەنلىك مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمەكتە، ترانسپورت بىخەتەرلىك كومىتېتى نەق مەيدانغا ئۈچ نەپەر تەكشۈرگۈچى خادىم ئەۋەتكەن.
ياپونىيە ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ سانلىق-مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ۋەقە يۈز بەرگەندە ھاۋا ئەھۋالى ياخشى بولۇپ ، ئېنىقلىق دەرىجىسى خېلى يۇقىرى ئىكەن . (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر