- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى شيەنلوڭ: سىنگاپور جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ
2015.07.22 16:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلوڭ تۈنۈگۈن «ئۆتكۈر كۆزلۈك جۇڭگو يەر شارى مۇنبىرى»نىڭ 2015-يىلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش زىياپىتى ۋە سۆزلىشىشىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىنگاپور جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق تۈرىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لى شيەنلوڭ مۇنداق دېدى: سىنگاپور بىلەن جۇڭگو 2008-يىلى ئۆكتەبىردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، سىنگاپور ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىگە پائال تۈرتكە بولماقتا، ئالاقىدار خىزمەتلەر قاناتيايدۇرۇلدى. لى شيەنلوڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر