- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋىرونىكانىڭ جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىدا زىيارەتتە بولۇشى پۇتىننىڭ ياپونىيەدىكى زىيارىتىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن
2015.07.21 16:23 مەنبە: خەلق تورى
رۇسىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى ۋىرونىكا ئىسكېۋورزوۋا ئۈلۈشكۈن ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارال ياكى شىمال زېمىنى دەپ ئاتايدىغان جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدىكى شىكوتان ئارىلىدا زىيارەتتە بولدى. بۇ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ يېقىن ياردەمچىسى، رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىۋانوف ئېتوروفۇتو ئارىلىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئالىي ئەمەلدارىنىڭ يەنە بىر قېتىم جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرىغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يەرلىك خەۋەردار كىشى مۇنداق دېدى: ۋىرونىكا ئىسىكېۋورزوۋا شۇ كۈنى ئارالدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر دوختۇرخانا ۋە بىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋىرونىكا ئىسىكېۋورزوۋانىڭ بۇ قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشتىكى مەقسىتى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدا ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى قاناتيايدۇرۇشنى جەزملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شىكوتاندا دوختۇرخانا سېلىش رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالدىكى زېمىننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى بۇ دوختۇرخانا ئىشلىتىشكە كىرىشكەندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم سەھىيە مىنىستىرىنىڭ شۇ جايغا بېرىپ ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: ياپونىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ تۆت ئارالغا بولغان ئەمەلىي كونتىروللىقىنى كۈچەيتىشتىكى ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى مۇمكىن دېيىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر