- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن كۆرۈشتى
2015.07.16 20:06 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف شۇ يەر ۋاقتى 15-ئىيۇل تاشكەنتتە زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن كۆرۈشتى. ئىككىيلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، كەلگۈسى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەۋزەل يۆنىلىشلىرى، شۇنداقلا بىر قاتار خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
كەرىموف مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە ئاللىقاچان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈردى، يەنە كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. بۇ قېتىم رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى بولغان قەرەللىك كېڭىشىش مېخانىزمى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىككى تەرەپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن رۇسىيە ئۇفادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم ئىش، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز ئارا ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلارنى نۇقتىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، تاشقى ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ ھەمكارلىقى بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇفا ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۈستىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇشتىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر