- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇرۇندىدا خەلق پارلامېنتى ۋە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى
2015.07.01 15:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سايلام ۋاقتى ئىككى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇرۇندى 29-ئىيۇن خەلق پارلامېنتى ۋە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزدى. بۇرۇندىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ ئاۋاز بېرىشكە قارشى تۇردى. بۇندىن ئىلگىرى ئۆكتىچى گۇرۇھ: ھازىرقى شارائىت سىغدۇرۇشچان تىنچ سايلام ئۆتكۈزۈشكە پايدىسىز دەپ قاراپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن سىياسىي سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن سايلامنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن بۇرۇندىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيەسى دېموكراتىك كۈچلىرىنى قوغداش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى نىيابىندا مۇنداق دېدى: سايلام ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش سايلام مۇساپىسىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە سىياسىي سۆزلىشىشكە قاتناشمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر