باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن نۇرغۇن گىرېتسىيەلىكنىڭ ياۋرو رايونىدا قېپ قېلىش ئارزۇسى بارلىقى ئايان بولدى

2015.06.30 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گىرېتسىيە قەرز كىرزىسى كېلىشىم لايىھەسىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش پەيتىدە، يەرلىك تاراتقۇلار تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بىر ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن نۇرغۇن گىرېتسىيەلىكنىڭ ياۋرو رايونىدا قېپ قېلىش ھەمدە قەرز ئىگىسى بىلەن قەرز كىرزىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى قوللاش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى ئايان بولدى.

  بۇ ئەلرايى تەكشۈرۈشى 24-ئىيۇندىن 26-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلگەن. گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپۇراس ئۈلۈشكۈن: ھۆكۈمەت خەلقئارا قەرز ئىگىلىرى ئوتتۇرغا قويغان قانۇن لايىھەسىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ دەپ جاكارلىدى. گىرېتسىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن سەھەردە 5-ئىيۇل قارار لايىھەسىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى ماقۇللىدى.

  گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى تۈگەي دەپ قالدى، ناۋادا ئىككى تەرەپ يېقىندا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، گىرېتسىيە 30-ئىيۇن مۇددىتى توشۇدىغان خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ بىر مىليارد 600 مىليون ياۋرو قەرزىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ ھەمدە ياۋرو رايونىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر