رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئارمىيە ــ 2015» خەلقئارا ھەربىي ماھارەت مۇنبىرى شۇ يەر ۋاقتى 17-ئىيۇن موسكىۋانىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى بولغان كۇبىنسىڭكتىكى «ۋەتەنپەرۋەر» ھەربىي ئىشلار باغچىسىدا باشلانغان. زۇڭتۇڭ پۇتىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ قاتارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇاسىمىغا قاتناشقان.
بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر جەمئىي تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 100 مىڭدىن كۆپ ئادەم رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىكەن. كۆرگەزمىدە 60 خىلدىن ئارتۇق يېڭى تىپتىكى قورال-ياراغ كۆرگەزمىگە قويۇلىدىكەن. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ھەربىي تەرەپ جۇڭگو قاتارلىق 100 دۆلەتنىڭ ۋەكىلىنى بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.