پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس ئىئۇردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر ـــ رامئاللاھتا شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 16-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ) ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ يىغىندا كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ھەمدە ھازىرقى زۇڭلى خامدارانى يېڭى ھۆكۈمەت زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ قارارنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى تەستىقىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.