باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى بەلكىم كېلەر يىلى جۇڭگونىڭ بازاردىكى ئىقتىسادىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن، گېرمانىيەنىڭ مەيدانى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ

2015.06.11 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ۋال سترېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 9-چېسلادىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن بۆلۈمىنىڭ ئىچكى بۆلۈمىدە يېقىندا جۇڭگونىڭ بازاردىكى ئىقتىسادىي ئورنىنى ئوبېيكتىپ جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشقا دائىر گەپ تارقالدى. مەلۇماتتا ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىغان بولۇپ، «جۇڭگو بارىزىغا ئىقتىسادىي ھوقۇق بەرمەسلىك ئاقىلانىلىق ئەمەس» دېيىلگەن.

  ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇشۇ بىر مەسلىنى چۆرىدىكەن ئاساستا بۆلۈنگەن. مەسىلەن، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە فرانسىيەلەر جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك مەيداندا تۇرۇشىغا مايىل ئىكەن. گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ئەنگلىيەلەر جۇڭگونىڭ بازاردىكى ئىقتىسادىي نوپوزىنى قوللايدىكەن.

  «ۋال سترېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ قارىشىچە، بۇ بىر مەيدان مۇلاھىزىدە، گېرمانىيەنىڭ مەيدانى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىدىكى سودا ـ مەنپەئەت ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، بەلكىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە جۇڭگوغا جەڭ ئېلان قىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر