- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نېگىرىيەدىكى ماي باكى ماشىنىسى ئاپتوبوسقا سوقۇلۇپ كېتىپ 70 ئادەم ئوت دېڭىزىدا قازا قىلدى
2015.06.03 13:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇندىكى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېگىرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئانامبرا ئىشتاتىدا 1-چېسلا ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ماي باكى قاچىلانغان ماشىنا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ بىر ئاپتوبوس بىكىتىگە سوقۇلۇپ كېتىپ پارتلاپ ئوت كەتكەن. قىزىل كرىست ئەترىتىدىكىلەر، بۇ ۋەقەنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 69 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتقان.
نۆۋەتتە، ماشىنىنىڭ نېمشقا كونتروللۇقىنى يوقاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەييى، ھازىرغىچە شوپۇرنىڭ ئالاقىدار خىلاپلىق قىلمىشىغا دائىر ئىسپات يوقلۇقىنى ئېيتتى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر