خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇندىكى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە ساغلاملىق بەخت ـ سائادەت بۆلۈمى شۇ كۈنىدىكى مەلۇماتتا، كورىيەدە ئاللىقاچان ئىككى نەپەر ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمار قازا قىلدى، يېڭىدىن ئالتە بىمارغا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق دىئاگنوزى قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار سانى 25كە يەتتى، كورىيە چېگرىسى ئىچىدە 2-ئەۋلاد كېسەل تارقاتقۇچى بايقالدى. كورىيە ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە بولغان ئەندىشىسى تېخىمۇ كۆپىيىپ، كوچىدا ماسكا تاقايدىغانلار بارغانچە كۆپەيدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى