15 دۆلەتتىن كەلگەن 30 نەپەر ئايال پائالىيەتچىلەردىن تەركىب تاپقان ‹‹خەلقئارا ئاياللار ھەرىكىتى›› ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 24-ماي ‹‹2015-يىللىق ھەربىيسىز رايوننى كېسىپ ئۆتۈش›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ چاۋشيەن-كورىيە ھەربىيسىز رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، چاۋشيەندىن كورېيەگە كىردى. ئۇلار بۇ خىل ئالاھىدە ئۇسۇل ئارقىلىق چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنىڭ تىنچ ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.