خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «گۈزەل قەلب» ناملىق فىلىمنىڭ رېئاللىقتىكى تىپى جون ناش ۋە ئۇنىڭ ئايالى 23-ماي ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسېي شتاتىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، 86 يېشىدا قازا قىلدى.
يېڭى جېرسېي شتاتىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشچە، ناش ئەر-ئايال ئولتۇرغان تاكسى 23-ماي يېڭى جېرسېينىڭ ھەق ئالىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ مۇداپىئە رېشاتكىسىغا سوقۇلغان. ئىگىلىنىشچە، ناش ئەر-ئايالنىڭ ئىككىلىسى ئاپتوموبىل سىرتىغا قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن، ساقچىلار بۇنى ناش ئەر-ئايالنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلىقىدىن بولغان دەپ قارىغان.
مەنبە: خەلق تورى