- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رىياكوف:ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر مېخانىزمى يەر شارىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا
2015.05.25 13:53 مەنبە: خەلق تورى
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىياكوف 22- ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تىز تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە يەر شارىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا، تەرەققىيات قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى. بەش دۆلەت زور خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر