باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى پۇرسەت

2015.05.25 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىلىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇنىئوس يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: چىلى بىلەن جۇڭگو سىياسىي، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشتى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ چىلىدىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىكى يېڭى پۇرسەت، ئىككى تەرەپ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قوش نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.

  2012-يىلى جۇڭگو بىلەن چىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. 2014-يىلى جۇڭگو-چىلى قوش تەرەپلىك سودا سوممىسى 34 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. مۇنىئوس مۇنداق دېدى: بۇ سان چىلىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %23ىگە توغرا كېلىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ چىلىدىكى زىيارىتى بىر قېتىملىق ئابىدە خاراكتېرلىك زىيارەتكە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

  مۇنىئوس مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت زىيارەت مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالايدۇ. بۇ پىلان ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر