- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ياشلار پارتىيەسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلانغانلىقىنى جاكارلىدى
2015.05.20 16:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇرۇندىن زۇڭتۇڭى كۇلۇنچىزا 17-ماي پايتەخت بۇجۇمبۇرادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇرۇندى سومالىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ياشلار پارتىيەسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلاندى. بۇ، ئۇنىڭ سابىق ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىيوڭبارى قوزغىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم جامائەت ئالدىدا ئايان بولۇشى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز سومالى ياشلار پارتىيەسى ئەۋەتكەن ھۇجۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بۇ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئۆمىكىنى ھەربىي كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىدىغان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان، بۇرۇندى بۇلارنى بىرسى، بىزنىڭ بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە كۈچىمىز تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر