- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيە زۇڭلىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ چېگرانى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2015.05.20 16:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 18-ماي خەۋەر قىلىشىچە: فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىس يېقىندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ چېگرانى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم ئەتكەسچىلىك ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشنى، ھەمدە پاناھلىق ئىزدىگەن كېمىچىلارنى تېخىمۇ ئادىل بولغان ھالدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تەقسىم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا كومىتېتى كىرىزىس پەيتىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىدە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆتكەن ھەپتە، مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى كۆچمەنلەرنى تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ۋارلىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن مۇساپىلەرنىڭ %75 فىرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيەدىن ئىبارەت بىر قانچە دۆلەتكە مەركەزلەشتى. ئۇ، فىرانسىيەنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر