باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ھىندىستانلىق سىستېرا 42 يىلدىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى

2015.05.20 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 18-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ھىندىستانلىق 67 ياشلىق سىستېرا ئارۇنا 42 يىل ھوشىسىز ياتقاندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھىندىستاندا يەنە بىر قېتىم خاتىرجەم ئۆلۈشكە بولامدۇ-يوق، دېگەن تالاش-تارتىشنى قوزغىدى.

  1973-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، يېڭى تويلاشقان ئارۇنا دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقاندا تازىلىق ئىشچىسى باسقۇنچىلىق قىلغان بولۇپ، تازىلىق ئىشچىسى ئىت باغلايدىغان زەنجىر بىلەن ئۇنىڭ بوينىنى بوغقان، ئارۇنانىڭ مېڭىسى ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغان. باسقۇنچىلىق قىلغۇچى بۇلاڭچىلىق ۋە قاتىللىق قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن دەپ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

  ئارۇنا گەرچە ھايات قالغان بولسىمۇ، بىراق 42 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئۆسۈملۈك ھالەتتە تۇرغان، ئۇۋالغان يېمەكلىك ۋە سۇ بىلەن ئوزۇقلانغان. ئارۇنا تۇرۇۋاتقان دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئارۇنا ئالدىنقى ھەپتە ئۆپكە ياللۇغى دەپ دېئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، نەچچە كۈندىن بۇيان ئەسۋابلارغا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر