باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرقتىكى كونا، يېڭى مەسىلىلەر ئامېرىكىنى بېشىنى قاتۇرماقتا

2015.05.19 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 14-ماي ئامېرىكىنىڭ داۋىد لاگىرىدا سۆھبەتلىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى، يەمەن كىرىزىسى قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت-پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاجىزلاشقان، ئامېرىكا يەمەن توقۇنۇشى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى كابېنت تەشكىللىشى قاتارلىق يېڭى، كونا مەسىلىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا ئېچىلدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئامېرىكىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىن خالاس بولۇشى تەسكە توختايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئوباما ئۆز ئالدىغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان قەتئىي ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە باياناتتا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ياسىشى ئاساسلىقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىدىن بولدى دەپ كۆرسەتتى.

  ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى ئەنئەنىۋى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جامىس فىلىپىس مۇنداق دېدى: پارس قولتۇقىدىكى چوڭ دۆلەت بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوباما ھۆكۈمىتىدىن بەك نارازى بولدى، چۈنكى ئامېرىكا ئىرانغا يۇمشاق سىياسەت قوللاندى، سۇرىيە مەسىلىسىدە تەۋرىنىپ قالدى، يەمەن كىرىزىسىدىمۇ قىزغىن ياردەم بەرمىدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەت ئىچىدە پەقەت كۇۋەيت بىلەن قاتارنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئامېرىكىنىڭ يۈزىنى قىلىپ سۆھبەتكە قاتناشتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، ئوماننىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قول ئاستىدىكىلىرىنى ئەۋەتىپلا بولدى قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئامېرىكا بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىقى كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىقنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە داۋىد لاگىرى سۆھبىتىنىڭ نوپۇزلۇقلۇقىنىمۇ ئاجىزلىتىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭمۇ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىش ناھايىتى تەس.

  ئامېرىكا گەرچە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە پارىس قولتۇقى ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نېرۋىسىگە تەككەن بولسىمۇ ئەمما بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن پارىس قولتۇقى ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەيدانى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بار، ئوباما ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەگەر ئىراننىڭ يادرو مەسلىسى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھەل بولۇپ كەتسە بۇ بىر ناھايىتى مۇھىم سىياسى مىراس بولۇپ قالىدۇ.

  پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلاتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ئەمما ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆكتىچى گۇرۇھنى پۈتۈنلەي قوللاشنىڭ ئامېرىكىغا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىشى ناتايىن، شۇڭا ئامېرىكا ئارىسالدى بولۇپ قالدى.

  ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلارنى تىنجىتىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتكەن ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىپ، بايلىقىنى ئاسىيا تىنچ ئوكياننى يەنە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگيەسىگە ئىشلىتىشكە شارائىت يارىتىش ئىدى.ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى، نۇرغۇن يىل مالىمانچىلىق پاتقىقىدا تۇرۇپ كەلگەن ئوتتۇرا شەرقتە قالايمىقانچىلىق ئۈزۈلمىدى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى سۈرىيە ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلىپ، دۆلەت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى شۆبىسى يەمەن ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە كونا مەسىلىلەرمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېي تانياخۇ تەشكىللىگەن يېڭى ھۆكۈمەت 14-ماي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى، ئوڭ قانات ۋە دىنى مەزھەپتىكى پارتىيەلەر بۇنىڭدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى، ئەگەر يېڭى ھۆكۈمەت پەلەستىن ئىسرائلىيە مەسىلىسىدە داۋاملىق قاتتىق مەيداندا تۇرسا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدىن تېخىمۇ ئۈمىدلىنىشكە بولمايدۇ.

  جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: داۋاملىق ئەنسىزچىلىككە تولغان ۋەزىيەتتە ئامېرىكا قانداق قىلىپ يېڭى كونا مەسىلىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ يەر شارى نېفىت تەمىناتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئامېرىكىنىڭ بۇ يادرولۇق ئىستراتېگيەلىك مەنپەئەتى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ يۈرەك زېدىسىگە ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر