خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:«جۇڭگو ئاۋازى» يەرشارى خەنزۇ تىلى رادىيو تورىنىڭ خەۋىگە قارىغاندا، گېرمانىيە فېدراتسىيەسى ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىزمەتتىكى بالىلىق ئانىلار ھەپتىسىگە بالىسىز ئانىلاردىن 10 سائەت ئاز ئىشلەيدىكەن. رادىيو تورىنىڭ خەۋىرىدە دائىم خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تۇغۇتنى كېچىكتۈرۈش ياكى تۇغماسلىقنى تاللاش مىساللىرىنى كۆپ ئاڭلايمىز، ئەمما تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، نوپۇسنىڭ ئازىيىپ بېرىشى، ياشانغانلارنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىدەك بىرقاتار مەسىلىگە دۇچ كەلگەن گېرمانىيە بىرقاتار تەدبىر قوللىنىپ خىزمەتتىكى ئانىلارنى خاتىرجەم ھالدا بالا تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى