باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە «ھاجەتخانا دېپلوماتىيەسى» ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە كۈچ قوشماقچى

2015.05.18 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسە نېمە؟ ئەڭ خوشال قىلىدىغان نەرسىچۇ؟ ياپونىيەلىكلەر بىر پەس ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى جاۋابىنى تاپتى: بۇ ئىككىلا خىل نەرسە «ھاجەتخانا» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  ياپونىيە «يۇمىئۇرى خەۋەرلىرى» گېزىتى بىلەرمەن زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بار كۈچىنى سەرپ قىلىپ، يەر شارى مىقياسىدا «ھاجەتخانا دېپلوماتىيەسى»نى يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ساياھەت رايونلىرى، ئايرودروم قاتارلىق جايلاردا «ئەڭ ياخشى ھاجەتخانا» بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

  فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ياپونىيە ھاجەتخانىلىرىنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى، لايىھەلىنىشى مۇۋاپىق بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ مودا مۇزىكا خانىشى مادوننا، ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى ۋىل شىمىس قاتارلىقلار ياپونىيە ھاجەتخانىلىرىنى ئىشلىتىپ باققاندىن كېيىن، بۇ ھاجەتخانىلارنىڭ پاكىز ھەم راھەتلىكىنى ماختاپ كەتكەن، دەپ باھا بەردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر