چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق 90 ياشلىق سېسترا موماينىڭ خىزمەتداشلىرى 7-ماي كۈنى دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، فىرورىنس ئىسىملىك بۇ موماي ئامېرىكىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ سېسترا ئىكەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشتاتى تاكومان شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇ بىمارنىڭ ھالىدىن ئىنتايىن ياخشى خەۋەر ئالىدىكەن. شۇڭا دوختۇرخانىدىكى خىزمەتداشلار ئۇنىڭغا بەكمۇ ئامراق ئىكەن. دوختۇرخانىدىكىلەر ئۇنى ئەكىلىتىپ ‹‹ دوختۇرلارنىڭ ئامرىقى ›› دەپ ئاتىشىدىكەن.
فىرورىنس 69-يىلىدىن باشلاپ بۇ دوختۇرخانىدا سېسترالىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 67 يېشىدا پېنسىيەگە چىققان ئىكەن، ئەمما دەم ئېلىشتىن زېرىككەن بۇ موماي بەش ئايدىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ ھازىرغا قەدەر ئىشلىگەن.