باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىروسىما ۋە ناگاساكىغا تەكلىپ قىلدى، جۇڭگو قايتۇرۇپ «قاچان نەنجىڭغا كېلىدۇ» دەپ سورىدى

2015.05.14 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت باش شىتابى «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىش يىغىنى ئېچىۋاتقان مەزگىلدە، ياپونىيە خىروسىما، ناگاساكىدا ئاتوم بومبىسى پارتلىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پارتلاش يۈز بەرگەن جاينى زىيارەت قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق 12-ماي ئېلان قىلىنغان لايىھەدە بۇ تەكلىپ يوق بولۇپ، ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقى «جۇڭگو مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئۆچۈرگۈزدى» دېدى.

  «جۇڭگو رەھبەرلىرى خىروسىما ۋە ناگاساكىنى زىيارەت قىلامدۇ؟ ئالدى بىلەن شۇنى سوراپ باقاي، ياپونىيە رەھبەرلىرى جۇڭگودىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار خاتىرە سارىيىنى قاچان زىيارەت قىلىدۇ؟» 13-ماي ئېچىلغان دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا مۇشۇنداق جاۋاب بەردى. «توكيو خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى كورېيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتنىڭ ئالقىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر