- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھوللاندى كۇباغا قىلغان سەپىرىنى باشلىدى
2015.05.13 11:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
11 - ماي فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى كۇبادىكى زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. ھوللاندى كۇبانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان فرانسىيە زۇڭتۇڭى بولۇپلا قالماي،ئامېرىكا بىلەن كوبا مۇناسىۋىتىدىكى سولغۇنلۇق ئوڭشالغاندىن بۇيان، كۇبادا زىيارەتتە بولغان تۇنجى غەرب دۆلىتى رەھبىرى.
بۇلتۇر 4 – ئايدا فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس كۇبادا زىيارەتتە بولۇپ ،30 نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىرىنىڭ كۇباغا زىيارەتكە بارماسلىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھوللاندىنىڭ زىيارىتىگە ئالدىن تەييارلىق قىلدى . بۇ ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىدىكى سولغۇنلۇقنى ئوڭشىغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىلگىرى بولدى. بۇ يىل 3 - ئايدا فرانسىيەنىڭ تاشقى سودا ئەمەلدارى كۇبادا زىيارەتتە بولدى ، ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى كونكرېت كېڭىشىشكە باشلىدى . ئالدىنقى ئايدا كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگۋېس فرانسىيەگە زىيارەتكە بارغاندا فرانسىيە ئالاھىدە كۈتۈۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر