باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى دۆلەتلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈردى

2015.05.12 13:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى 11-ماي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئۈستىدە دۆلەتلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈردى، 122 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلدى ۋە تەكلىپ بەردى.

  ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى سۆزىدە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىقى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ قانۇن ئىجرا قىلىش، ئىرقىي، دىنىي ۋە جىنسىي كەمسىتىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە گۇانتانامودا تۈرمە قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان دوكلاتتا، ئۆتكەن نەچچە يىلدا ئامېرىكىنىڭ «قىسمەن ياكى سىستېمىلىق» ساقچىلار قىلمىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىق ئەھۋالى تەكرار كۆرۈلگەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى. ئۆتكەن 5 يىلدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 335 تىن ئارتۇق ساقچىنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشىغا قارىتا جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە 254 كىشىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر