باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى

2015.05.11 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. بۇ يىل 1-پەسلىدىلا بۇ سان 1335كە يەتكەن. ئۆتكەن يىلى 3415 كىشى ۋاز كەچكەن بولۇپ، 2012-يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەن.

  كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن تۈزىگەن باج تاپشۇرۇش قانۇنى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكۈچىلەر سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەل ھېساباتىدا باج تاپشۇرۇشتا ئەمەل قىلىش قانۇنىنىڭ چەتئەللەردىكى ئامېرىكىلىقلارغا ئېغىر زەربە بولغان. بۇ قانۇن 2014-يىلى 7-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان. قانۇن لايىھەسىدە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: چەتئەللەردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئامېرىكىنى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان ئامېرىكىلىقلار ھېسابات ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن چارە كۆرۈلىدۇ. شەخسلەرمۇ ھېساباتىدىكى مەبلىغى بۇ سوممىغا يەتكەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. بۇ قانۇن لايىھەسى چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. ئەنگلىيە كىنتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەللەردىكى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر ئامېرىكىلىق ئامېرىكا تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىش كويىدا بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر