باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىرغىزىستان گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2015.05.11 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىرغىزىستان، گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 9-ماي كاتتا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئەجدادلارنى ياد ئەتتى، تىنچلىققا تەلپۈندى.

  قىرغىزىستان 9-ماي ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى، 2000 دىن كۆپرەك ئەسكەر يامغۇردا ھەربىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. قىرغىزىستاننىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ئالىمكىرىيوف زۇڭتۇڭغا ۋاكالىتەن غەلىبە كۈنىنى تەبرىكلەش سۆزى قىلىپ، بۇ كۈن ھەققانىيەتنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا ھەققانىيەتنىڭ جەزمەن ياۋۇزلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،دېدى.

  كۆپلىگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر تەكلىپكە بىنائەن ھەربىي پاراتقا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقانچە كىشى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مانجۇىي ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 91 ياشقا كىرگەن ئوروزبېيك مۇنداق دېدى: ئەينى يىللاردىكى خاربىن، لۇشۈن، دالىيەندىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇش ھېلىمۇ ئېسىدە دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ مىللەت، قىرغىزىستان جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  ئەرمېنىيە ئەمەلدارلىرى، پېشقەدەم ئەسكەرلىرى، ھەربىيلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرى 9-ماي پايتەختى ئېرېۋانغا جايلاشقان غەلىبە باغچىسىدىكى نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى ئالدىغا بېرىپ، ئىنقىلابى قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

  گىرۇزىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بەش مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرى ۋە ھەر قايسى ساھە ئاممىسى 9-ماي گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبلىستىكى ۋاگەي باغچىسىغا بېرىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. كۆپلىگەن بالىلار چاچلىرى ئاقارغان پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە قىزىل گۈل تەقدىم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر