- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەنگلىيە ئومۇمىي سايلىمىدا ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن
2015.05.08 16:25 مەنبە: خەلق تورى
ھەر قايسى تەرەپلەر ئېھىتىياتچان پۇزىتسىيە تۇتماقتاخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى، ئەنگلىيە مۇستەقىل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئالەم ئىستانسىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ «چىقىش ئېغىزىدا ئەلرايىنى تەكشۈرۈش» نەتىجىسىگە قارىغاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى 7- ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنگلىيە ئومۇمىي سايلىمىدا ئەڭ كۆپ ئاۋاز يېقىنلاشقان پارتىيە بولۇپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.
بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بۇ قېتىملىق ئومۇمىي سايلامدا پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولۇپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كۆپ سانلىقلار پارتىيەسى بولالمايدىكەن. بۇ ئەلرايىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى 316 ئورۇنغا ، ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى لېيبورىستلار پارتىيەسىنىڭ 239 ئورۇنغا ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. باشقا بىر نەچچە پارتىيەلەرنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ئاۋاز سانى: ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 10 ئورۇن، شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى 58 ئورۇن، ۋىرسىي پارتىيەسى 4 ئورۇن، مۇستەقىللىق پارتىىيەسى 2 ئورۇن، يېشىل پارتىيە 2 ئورۇن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر