خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە پايتەختى بېرلىننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ترېپتاۋىر سوۋىت ئارمىيەسىدىن قۇربان بولغانلار قەبرىستانلىقى 1949-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بېرلىن جېڭىدە قۇربان بولغان سوۋىت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرىنىڭ جەسىتى قويۇلغان. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سوۋىت ئارمىيەسى بېرلىنغا قارىتا مىسلىسىز ھۇجۇم قوزغىدى، سوۋىت ئارمىيەسىدىن ئىككى مىليون 500مىڭ ئەسكەر قاتناشتى، گېرمانىيە ئارمىيەسىدىن تەخمىنەن بىر مىليون كىشى جەڭگە قاتناشتى. ئۇرۇش 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، بېرلىن جېڭى ناتسىس گېرمانىيەسىنىڭ ھالەك بولۇپ، سوۋىت-گېرمانىيە ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى جەڭنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى