- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى
2015.05.06 15:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە توقۇنۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش 4-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە جەنۋە كېڭىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى 5-6 ھەپتە داۋاملىشىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىسترا ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەكلىپ قىلدى، دىمىسترا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سۇرىيەنىڭ ھازىرقى كەسكىن ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋال ۋە جەنۋە ئاخباراتى ماقۇللانغان ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەمىمىي كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىدى، دىمىسترا كېڭىشىش ئاياغالاشقاندىن كېيىن باھالايدۇ ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا دوكلات قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر