باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدە بالىلار ئازايماقتا

2015.05.06 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ماي ياپونىيەدە بالىلار بايرىمى كۈنى، ھالبۇكى بالىلار ئازىيىش مەسىلىسى ياپونىيە جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، قالدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتى ئېلان قىلغان بىر نوپۇس مۆلچەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە 15ياشقا توشمىغان بالىلار سانى 16مىليون 170مىڭ بولۇپ، 34يىلدىن بۇيان ئۇدا ئازايغان، ھەمدە 1950-يىلى ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىتاتېستىكا ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورت ياراتقان. بالىلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %12.7بولۇپ، ئۇدا 41يىل ئازايغان.

  1995-يىلىدىن باشلاپ، ياپونىيەدە تۇغۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتى قوللىنىلغان بولىسمۇ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغان. ياپونىيەلىكلەر نېمىشقا بالىلىق بولۇشنى خالىمايدۇ؟ ياپونىيە رىتسۇمېكەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدە بالىلار ئاز بولۇش مەسىلىسى ئاساسلىقى كېچىكىپ توي قىلىش ۋە توي قىلغانلارنىڭمۇ بالىلىق بولۇشنى خالىماسلىقى قاتارلىق ئىككى سەۋەبتىن ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر