- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


روسىيەلىك بىرىنچى باينىڭ سابىق خوتۇنى ئېرىنىڭ 15مىليارد دوللىرىنى تەڭ بۆلۈشمەكچى بولدى
2015.05.04 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيەلىك بىرىنچى باي ۋىلادىمىر پوتانىننىڭ سابىق ئايالى ناتالىيە پوتانىيە بۇ ئاينىڭ بېشىدا موسكىۋادىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە ماتېرىيال تاپشۇرۇپ، سابىق ئېرىنىڭ 15دوللار مۈلكىنى تەڭ بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
پوتانىن 2014-يىلى پوتانىيە بىلەن ئاجىرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرگەن بولۇپ، پوتانىيە ئارقىدىنلا روسىيە قانۇنىغا ئاساسەن پوتانىندىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلغان. پوتانىننىڭ ئادۋوكاتى پوتانىننىڭ سابىق ئايالىغا 140مىليون دوللار تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىراق پوتانىيە ئۆزىنىڭ سابىق ئېرىنىڭ بارلىق مۈلكىنىڭ %50گە ئېرىشىش ھوقۇقى بار دەپ قارىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر