- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن چېگرىدىن قانۇنسىز كىرىشكە ئۇرۇنغان ئامېرىكىلىقنى قولغا ئالغان
2015.05.04 16:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن مەركىزى ئاگىنېتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېگرىدىن قانۇنسىز كىرىشكە ئۇرۇنغان بىر كورىيەلىك ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقنى قولغا ئالغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: 22-ئاپرىل چاۋشيەن جۇڭگونىڭ دەندۇڭدىن يالوجياڭ دەرياسى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرمەكچى بولغان كورىيەلىك ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكلىق جۈ يۈەنۋىننى قولغا ئالدى. جۈ يۈەنۋىن بۇ يىل 21 ياش ، يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ تىناپلى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بولۇپ، نىيۇ يورك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقوغۇچىسى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى جۈ يۈەنۋىنى تەكشۈرمەكتە. جۈ يۈەنۋىن ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ چاۋشيەن قانۇنىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈشتەك ئېغىر جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر